ئەرمېنيەدە پاشىنياننى ئىستېپاغا چاقىرىش سادالىرى ياڭراشقا باشلىدى

ئەرمېنىيەدە ئالدىنقى سەپتە ئەزەربەيجان بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا كۆرۈلگەن ئۆلۈم-يېتىملەر سەۋەبىدىن باش مىنىستىر نىكول پاشىنيانغا نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار، پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى.

1880179
ئەرمېنيەدە پاشىنياننى ئىستېپاغا چاقىرىش سادالىرى ياڭراشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئەرمېنىيە «نىيۇس ئا م» ئاگېنتلىقى 44 كۈن داۋام قىلغان ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدا (2020) جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ تۈنۈگۈن (2022-يىلى 14-سېنتەبىر) پايتەخي يېرىۋاندا پارلامېنت بىناسى ئالدىدا يىغىلىپ، باش مىنىستىر نىكول پاشىنيانغا قارشى نامايىش قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

نامايىشچىلار نىكول پاشىنيانغا ئىشەنچ ئاۋازى بېرىلمەسلىكىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

كەچ تەرەپتە پارلامېنت بىناسى ئالدىدىكى نامايىشچىلار سانى كۆپەيدى، ساقچىلار پارلامېنتقا تۇتىشىدىغان كوچىنىڭ قاتنىشىنى توختاتتى. نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسىنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىنى چېقىشقا ئۇرۇندى ۋە پاشىنيانغا قارشى شوئار توۋلاپ، ئىستېپاغا چاقىردى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 12-سېنتەبىر كېچىسى (2022) ۋە 13-سېنتەبىر ئەتىگەندە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجان چېگراسىدىكى داشكەسەن، كەلبەسەر، لاچىن ۋە زەنگىلان يۆنۈلۈشىدە ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە 50 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتىدا يەنە، توقۇنۇشلاردا 105 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنىمۇ بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر