سومالىدا 500 مىڭ بالا ئۆلۈم خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە

سومالىدا ئاشلىق كىرىزىسى سەۋەبىدىن 500 مىڭ بالا ئۆلۈم خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە.

1879702
سومالىدا 500 مىڭ بالا ئۆلۈم خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) باياناتچىسى جەيمىس ئېلدېر، سومالىدىكى ئاشلىق كىرىزىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا، سومالىدىكى ئاشلىق كىرىزىسى سەۋەبىدىن 500 مىڭ بالىنىڭ ئۆلۈم خەۋىپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سومالىدىكى 2011 – يىلى يۈز بەرگەن ئاشلىق كىرىزىسىدا 340 مىڭ بالىنىڭ يېمەك – ئىچمەك قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئېلدېر، بۇ يىلقى ئاشلىق كىرىزىسىنى «بۇ مۇشۇ ئەسىردە بىز كۆرۈپ باقمىغان پاجىئە» دەپ ئاتىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، سومالىنىڭ % 80 تى ئېغىر قۇرغاقچىلىققا دۇچ كەلگەن.

سومالى ھۆكۈمىتى، تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن، بۇلتۇر نويابىر ئېيىدا دۆلەت مىقياسىدا «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغانىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، سومالىدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنى جىددىي ياردەمگە چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر