ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېتنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا ئۈچ دۆلەت تەكلىپ قىلىنمىدى

ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2-ئېلىزابېتنىڭ 19-سېنتەبىردە (2022) ئۆتكۈزۈلىدىغان دەپنە مۇراسىمىغا، رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە بىرمانىڭ تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى، ئىرانغا بولسا، باش ئەلچى سەۋىيەسىدە تەكلىپ ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1879432
ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېتنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا ئۈچ دۆلەت تەكلىپ قىلىنمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە پ ئا (PA) ئاگېنتلىقىنىڭ ھۆكۈمەتتىن ئالغان مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېتنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا، رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە بىرما تەكلىپ قىلىنمىغان، ئىران بولسا، باش ئەلچى سەۋىيەسىدە تەكلىپ قىلىنغان.

96 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېتنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 500 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ قاتنىشىشى پەرەز قىلىنماقتا.

پولىتىكو (Politico) تور بېتىنىڭ خۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تاشقى ئىشلار ۋازارىتى 8-سېنتەبىر ئالەمدىن ئۆتكەن ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېتنىڭ 19-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان رەسمىي دەپنە مۇراسىمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلارغا مەلۇمات يوللىغان.

مۇراسىم ۋېستمىنستېر ئاببېي چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ بولۇشى سەۋەبىدىن، مۇراسىمغا قاتنىشىدىغان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ئايالى ياكى يولدىشىغا ئوخشاش بىللە بولىدىغان بىر كىشى ئۈچۈن ئورۇن ئاجرىتىلىدىكەن. مۇراسىمغا، رەھبەرلەر بىلەن بىللە بولىدىغان ياكى ئائىلىسىدىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ قاتنىشىشى مەنئى قىلىنىدىكەن. رەھبەرلەر قاتنىشالمىغان ئەھۋالدا، ئۇلارغا ۋاكالىتەن مىنىستىر دەرىجىلىك بىر كىشى قاتناشسا بولىدىكەن.

ئايال پادىشاھ 2-ئېلىزابېت 8-سېنتەبىر (پەيشەنبە) دەم ئېلىۋاتقان شوتلاندىيەدىكى بالمورال قەلئەسىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمى 19-سېنتەبىر (دۈشەنبە) پايتەخت لوندوندىكى ۋېستمىنستېر ئاببېي چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇراسىمدىن كېيىن، مېيىتى ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ تۇرالغۇلىرىدىن بىرى بولغان ۋىندسور قەلئەسىدىكى (Windsor) سايىنت جورج قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر