شىۋېتسىيەدىكى سايلامدا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىرىنچى بولدى

شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، باش مىنىستىر ماگدالېنا ئاندېرسون (MangdalenaAndersson) رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيال دېموكرات پارتىيە بىرىنچى بولدى.

1878576
شىۋېتسىيەدىكى سايلامدا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىرىنچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ (SVT) 7 مىليون 700 مىڭ سايلىغۇچى ئاۋاز تاشلىغان سايلامدىن كېيىن ئېلان قىلغان رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، سوتسىيال دېموكرات پارتىيە %29.3 ئاۋازغا، يېشىللار ۋە مۇھىت پارتىيەسى %5.8 ئاۋازغا، سول پارتىيە %7 ئاۋازغا، مەركەز پارتىيەسى %7.7 ئاۋازغا، ئاساسلىق ئۆكتىچى لىبېرال پارتىيە %4.7 ئاۋازغا، خىرىستىيان دېموكرات پارتىيەسى %5.2 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

سايلامدا، ئاشقۇن ئوڭچىل شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئاۋاز نىسبىتىنى %20.5 گە چىقىرىشى دىققەت قوزغىدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا، شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىنچى پارتىيەسىگە ئايلاندى.

بۇ نەتىجىلەرگە ئاساسەن، 349 كىشىلىك پارلامېتتا، ئوڭچىل پارتىيەلەر 173 ئورۇنغا، سولچىل پارتىيەلەر 176 ئورۇنغا ئېرىشىدۇ.

سوتسىيال دېموكرات پارتىيەنىڭ مەركەز پارتىيەسى بىلەن ھۆكۈمەت قۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقى، بۇنى سول پارتىيە بىلەن يېشىللار پارتىيەسىنىڭ قوللايدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆكتىچى مۆتىدىل كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭمۇ لىبېرال پارتىيە پارتىيەسى ۋە خىرىستىيان دېموكرات پارتىيەسى بىلەن ھۆكۈمەت قۇرۇشقا تىرىشىدىغانلىقى، بۇنى رادىكال ئوڭچىل شىۋېتسىيە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ قوللايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر