ماكرون فىرانسىيە مەھسۇلاتلىرىنىلا ئىستېمال قىلىشقا چاقىردى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون فىرانسىيە مەھسۇلاتلىرىنىلا ئىستېمال قىلىش ۋە سېتىۋېلىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

1878233
ماكرون فىرانسىيە مەھسۇلاتلىرىنىلا ئىستېمال قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرون، ئوتارۋىلې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دالا فېستىۋالىدا قىلغان سۆزىدە، 24 – فېۋرالدىن  بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېنېرگىيە كىرىزىسى دائىرىسىدە «يېزا ئىگىلىك ۋە ئاشلىق ئىگىدارچىلىقى» نى قوغداشنىڭ ئەڭ زور  كۈرەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ھەمدە فىرانسىيە پۇقرالىرىنى پەقەت فىرانسىيە مەھسۇلاتلىرىنىلا ئىستېمال قىلىش ۋە سېتىۋېلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ھەممە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تېگىشلىك، تولىمۇ مۇشەققەتلىك، جىددىي ۋە ئۆزىگە خاس بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېزا ئىگىلىك ۋە ئاشلىق ئىگىدارچىلىقى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئۇ يەنە، رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيەدىن كەلگەن ئوغۇت قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا بېقىندى بولۇپ قېلىشتىن قۇتۇلۇشنىڭ، شۇنداقلا، موسكۋا ئۈچۈن «ئۇرۇش قورالى» غا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر