ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ئۈستىدىن قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەرزىنى قوللايدۇ

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1877911
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ئۈستىدىن قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەرزىنى قوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا سوت مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، لىتۋانىيە، لاتۋىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەدىن كېيىن، ئامېرىكانىڭمۇ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسسىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئامېرىكانىڭ «تارىخى بويىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە» ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئامېرىكانىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنى توغرا ئىزاھلاش، يولغا قويۇش ۋە ئىجرا قىلىشتا ئىمزالىغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ چوڭ مەنپەئەتى بار» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەدىن ئامېرىكانىڭ بۇ دەۋاغا قاتنىشىش تەلىپىگە مۇناسىۋەتلىك يازمىچە باياننامە سۇنۇشىنى تەلەپ قىلدى.

خەلقئارا سوت مەھكىمىسى 16-مارتتا چىقارغان قارارىدا، رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان «ھەربىي ھەرىكەت» نى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر