ئامېرىكا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە خىتاي چەكلىمىسى قويۇلىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا فېدېراتسىيە مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئامېرىكا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك مۇئەسسەسەلەر قۇرۇشىنىڭ 10 يىل چەكلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1876756
ئامېرىكا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە خىتاي چەكلىمىسى قويۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا  تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايدا يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك مۇئەسسەسەلەر قۇرۇشىنى چەكلەش ھەققىدىكى قارار،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۆزەك ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە ئېلان قىلىنغان 50 مىليارد دوللارلىق پىلاننىڭ بىر قىسمى دائىرىسىدە چىقىرىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سودا ئىشلىرى مىنىستىرى گىنا رايموندو، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىش ياردەمچى  فوندىنىڭ قوشۇمچە رىغبەتلەندۈرۈش مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلارنىڭ، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايدا ئۇدا 10 يىل ئىلغار تېخنولوگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئاۋغۇست ئېيىدا، ئىلغار تېخنولوگىيەلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلارغا 280 مىليارد دوللارلىق ياردەم بېرىش قانۇنىنى ئىمزالىغانىدى.

بۇ مەبلەغ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا كومپيۇتېر ئۆزىكى ئىشلەپچىقىرىش مۇئەسسەسەلىرىنى قۇرغان شىركەتلەرگە قارىتىلغان باجنى ئازايتىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە  يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشتا تەخمىنەن % 10 لىك ئۈلۈشكە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر