جەنۇبىي كورېيەدە تەيفېڭ بورىنىدا 2 كىشى قازا قىلىپ، 10 كىشى يوقاپ كەتتى

جەنۇبىي كورېيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتقان خىننامنور تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن 2 كىشى قازا قىلىپ، 10 كىشى يوقاپ كەتتى.

1876346
جەنۇبىي كورېيەدە تەيفېڭ بورىنىدا 2 كىشى قازا قىلىپ، 10 كىشى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىننامنور تەيفېڭ بورىنى جەنۇبىي كورېيەنىڭ جەنۇبىدىكى بۇسان شەھىرىگە يېقىن بولغان جېجۇ ئارىلنى بويلاپ قۇرۇقلۇققا يېتىپ كەلدى.

تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن 66 مىڭ ئۆينىڭ توكى ئۈزۈلۈپ، دەرەخلەر ئۆرۈلۈپ چۈشتى ۋە يوللاردا زور بۇزغۇنچىلىقلار مەيدانغا كەلدى.

سائەتلىك سۈرئىتى 133 كىلومېتىرغا يەتكەن تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن مىڭلىغان كىشى ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار رايوندا تەيفېڭ بورىنى سەۋەبىدىن 2 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 10 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە مىقياسىدا 250 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، پاراخوت مۇلازىمىتى توختىتىلدى. 600 دىن ئارتۇق مەكتەپ ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى توردىن داۋاملاشتۇرۇش قارارى ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر