رۇسىيە 16 كانادا پۇقراسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

رۇسىيە كانادانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىيلەر، سىياسىيونلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن تەشكىل تاپقان 55 پۇقراسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى.

1874510
رۇسىيە 16 كانادا پۇقراسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيەگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە پۇقرالىرىغا يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا،

باياناتتا، جاۋاب قايتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، كانادانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىيلەر، سىياسىيونلار ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن تەشكىل تاپقان 55 پۇقراسىغا رۇسىيەگە كىرىشىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، مەزكۇر شەخسلەرنىڭ تىزىملىكىمۇ ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر