كالىفورنىيە ساھىللىرىنى ئۆلۈك بېلىق بېسىپ كەتتى

ئامېرىكانىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان كالىفورنىيە ئىشتاتى دېڭىز قىرغاقلىرىدا زەھەرلەنگەن مىڭلىغان ئۆلۈك بېلىقلار ساھىلغا چىقىپ قالدى.

1874106
كالىفورنىيە ساھىللىرىنى ئۆلۈك بېلىق بېسىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيەنىڭ بولۇپمۇ سانفىرانسىسكو قولتۇقى دەپ ئاتىلىدىغان دېڭىز قولتۇقى رايونىدا، دېڭىزنىڭ ھەددىدىن زىيادە بۇلغىنىشى ۋە سۇدىكى ئوكسىگېن مىقدارىنىڭ ئازىيىشى نەتىجىسىدە، دېڭىز ساھىلىنى قاپلىغان كەڭ كۆلەملىك بېلىق ئۆلۈملىرى كۆرۈلدى.

«San Francisco Baykeeper» ناملىق مۇھىت ئاسراش پىدائىيلىرى تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە، «يازنىڭ بېشىدا پەيدا بولىدىغان يۈسۈنلىشىش زورايدى. ھازىر شىمالىي، جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا سان فىرانسىسكو قولتۇقى ئەتراپىدىكى قىرغاقلارغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە» دېيىلدى.

باياناتتا، سۇ تەركىبىدىكى ئوكسىگېننى ئىستېمال قىلىپ، زەھەرلىك ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان يۈسۈنلەرنىڭ سان فىرانسىسكو قولتۇقىدا ئونمىڭلىغان بېلىقنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، يۈسۈنلەرنىڭ ئىنسانلارغا جىددىي خەتەر ئېلىپ كەلمىسىمۇ، بېلىقلارغا ۋە ياۋايى ھايۋانلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان توكسىنلارنى (زەھەرلىك ماددىلارنى) تارقىتىدىغان زىيانلىق تۈر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا پۇقرالارنىڭ ئىنسانلار ۋە ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى توغرىسىدىكى ئېنىقسىزلىقنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، زەھەرلىك يۈسۈنلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا تۇتۇلغان بېلىقلارنى، بولۇپمۇ قۇلۇلە بېلىقىنى ئىستېمال قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىشى تەۋسىيە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر