گاز پروم گېرمانىيەگە گاز يەتكۈزۈشنى توختاتتى

رۇسىيە تەبىئىي گازىنى گېرمانىيەگە يەتكۈزىدىغان شىمالىي ئېقىم تۇرۇبا لىنيەسىدىن گاز ئېقىتىشنىڭ بۈگۈندىن (2022-يىلى 31-ئاۋغۇست) باشلاپ ئۈچ كۈنلۈك توختىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1874231
گاز پروم گېرمانىيەگە گاز يەتكۈزۈشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:رۇسىيە تەبىئىي گازىنى گېرمانىيەگە يەتكۈزىدىغان شىمالىي ئېقىم تۇرۇبا لىنيەسىدىن گاز ئېقىتىشنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈنلۈك توختىتىلدى.

شىمالىي ئېقىمغا مەسئۇل نورد سچىم ئاگ (Nord Stream AG) ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۇرۇبا لىنيەسىدىن 31-ئاۋغۇستتىن 2-سېنتەبىرگىچە (2022) بولغان كۈنلەردە تەبىئىي گاز ئېقىتىلمايدىكەن.

رۇسىيە گازپرومنىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى باياناتىدا، شىمالىي ئېقىم لىنيەسىدە رېمونت ۋە ئاسىراش ئىشلىرى سەۋەبىدىن 31-ئاۋغۇستتىن تارتىپ ئۈچ كۈن گاز ئېقىتىش ئىشلىرىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر