راما ۋاكسىنا مەسىلىسىدە ياۋروپانى ئەيىبلەب، ئەردوغاننى ماختىدى

ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى راما: «جۇمھۇر رەئىس (رەجەپ تاييىپ) ئەردوغان بولمىسا ئىدى، دۆلىتىمىزدە تېخىمۇ كۆپ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولاتتى» دېدى.

1873701
راما ۋاكسىنا مەسىلىسىدە ياۋروپانى ئەيىبلەب، ئەردوغاننى ماختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئەدى راما سىلوۋېنىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان 17- نۆۋەتلىك بلېد ئىستراتېگىيە مۇنبىرىنىڭ «ھوقۇقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمۇ ياكى تۈزۈمنىڭ كۈچىمۇ؟» تېمىلىق بۆلۈمىدە سۆز قىلدى؛ ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنى يېتەرلىك مىقداردا ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، غەربىي بالقان دۆلەتلىرىدە بولسا، سەھىيە ساھەسى خىزمەتچىلىرىنىڭمۇ بۇ خىل مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە بىزگە ۋاكسىنا بەردى. ئەگەر جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بولمىغان بولسا ئىدى، دۆلىتىمىزدە تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتى» دېدى.

راما سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش <پەقەت بىرلىرىنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەپ، بىزنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىشى>دەك نومۇسسىز خاتالىقنى قايتا تەكرارلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. يۈز  بەرگەن بۇ ئىشلار ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ساۋاق بولسۇن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر