زېلېنىسكىي ئۇكرائىنانىڭ دونباسنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتە پۈتۈنلەي دېگۈدەك رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن دونباس شەھىرىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1873258
زېلېنىسكىي ئۇكرائىنانىڭ دونباسنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر زېلېنسكىي تۈنۈگۈنكى (يەكشەنبە) كۈندىلىك كەچلىك نۇتۇقى جەريانىدا: «بىز ھېچقانداق شەھەر ۋە خەلقىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق ۋە ئۇنتۇپ قالمايمىز» دېدى.

«نۆۋەتتە دونباس رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە ئاساسەن دېگۈدەك ۋەيران بولدى» دېگەن زېلېنسكىي، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «لېكىن، ئۇكرائىنا قايتىپ كېلىدۇ، چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. ھايات بۇرۇنقى ئىزىغا قايتىدۇ. دونباس خەلقىنىڭ ئىناۋىتى قايتىپ كېلىدۇ. بىخەتەر ۋە خۇشال ياشاش پۇرسىتى قايتىپ كېلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۆتكەن ئاي ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ خېرسون شەھىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ جەنۇبىدا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

رۇسىيە، كىيېۋنىڭ دونېتسىكى ۋە لۇخانسكى رايونلىرىغا ئۇكرائىنا دۆلىتى ئىچىدە ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىشنى مەزمۇن قىلغان مىنسىكى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، 24 – فېۋرال ئۇكرائىناغا جەڭ ئېلان قىلغانىدى.

2022-يىلى 2-ئايدا رۇسىيە ئاتالمىش ​​دونباس جۇمھۇرىيەتلىرىنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئۆزىنى «غەربنىڭ ھېچقانداق ھەربىي تەشكىلاتىغا قوشۇلمايدىغان بىتەرەپ دۆلەت» دەپ رەسمىي ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر