ئەنگىلىيە ئۇكرائىناغا 6 سۇ ئاستى ئىنسانسىز (تىزگىنەكلىك) پاراخوت ئىئانە قىلىدىغان بولدى

ئەنگىلىيە ئۇكرائىناغا دېڭىز قىرغىقىدىكى مىنالارنى تازىلاشقا ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن 6 سۇ ئاستى ئىنسانسىز (تىزگىنەكلىك) پاراخوت ئىئانە قىلىدىغان بولدى.

1873083
ئەنگىلىيە ئۇكرائىناغا 6 سۇ ئاستى ئىنسانسىز (تىزگىنەكلىك) پاراخوت ئىئانە قىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئۇكرائىناغا دېڭىز قىرغىقىدىكى رۇسىيە مىنالىرىنى بايقىشى ۋە تازىلىشى ئۈچۈن شۇنداقلا ئاشلىق توشۇش خىزمەتلىرىنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 6 سۇ ئاستى ئىنسانسىز (تىزگىنەكلىك) پاراخوت ئەۋەتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ئامېرىكالىق شېرىكلىرىنىڭ ئونلىغان ئۇكرائىنالىق خادىملارغا ئىنسانسىز (تىزگىنەكلىك) پاراخوت ئىشلىتىشنى ئۈگىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بېن ۋاللېسنىڭ: «رۇسىيەنىڭ دۇنيانىڭ يېمەكلىك تەمىناتىغا تەھدىت سېلىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا يول قويۇلماسلىقىمىز كېرەك. بۇ مۇھىم ئۈسكۈنىلەر ۋە مەشىقلەر ئۇكرائىنانىڭ دېڭىز بىخەتەرلىكىگە ياردەمچى بولىدۇ. دېڭىز قىرغىقى ۋە پورتلىرىنى قوغداشنى خالايدىغان ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا ئاشلىق ئېقىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر