شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر يىغىنى سەمەرقەنتتە ئېچىلىدۇ

ئۆزبېكستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە ئۆكتۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر يىغىنىغا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 14 دۆلەتنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى قاتنىشىدۇ.

1872848
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر يىغىنى سەمەرقەنتتە ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئۆزبېكستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى كوردىناتورى رەھمەتۇللاھ نۇرىمبەتوۋ 15-16-سېنتەبىر (2022) كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا پايتەخت تاشكەنتتە ئاخبارات ئېلان قىلدى.

ئۇ يىغىنغا 14 دۆلەتنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن 10 خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشىنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يىغىندا تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا سودا، ئىقتىسادىي، سېلىنما، ساياھەتچىلىك، مەدەنىيەت ۋە ئىنسانىي ساھەلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك 20 دىن ئارتۇق كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يىغىنغا، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكستان، خىتاي، پاكىستان، ھىندىستان ۋە ئۆزبېكستاندىن باشقا، كۆزەتكۈچى ئەزا سالاھىيىتىدىكى بېلارۇسىيە، موڭغۇلىيە ۋە ئىراننىڭ پىرېزىدېنتلىرى، ساھىبخان دۆلەت ئۆزبېكستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ تەكلىپ قىلغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى، تەشكىلاتنىڭ دىيالوگ شېرىكى دۆلەتلەردىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيە ئۈستىدە ئايرىم توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ ئۆزبېكستاننىڭ يېقىن ئىستراتېگىيەلىك ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«كۈنىمىزدە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۆزبېكستاننىڭ تاشقى سىياسەت نىشانى كۆزدە تۇتۇلغاندا، تۈركىيەگە ئوخشاش بىر دۆلەتنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىشى مۇۋاپىق قارار. بۇ تەشكىلاتقا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى» دېدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى 15-ئىيۇن قۇرۇلغان ئىدى. تەشكىلاتقا، خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكستان، ئۆزبېكستان، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئەزا. تۈركىيە 2021-يىلى تەشكىلاتنىڭ دىيالوگ شېرىكى بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر