گۇتېرېس: رۇسىيەنىڭ يېمەكلىك ۋە ئوغۇت مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇلماسلىقى كېرەك

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس رۇسىيەنىڭ ئېمبارگولارغا داخىل قىلىنمىغان يېمەكلىك ۋە ئوغۇت مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازارلارغا چەكلىمىسىز سېلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1870260
گۇتېرېس: رۇسىيەنىڭ يېمەكلىك ۋە ئوغۇت مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇلماسلىقى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتېرېس، ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، پورتنىڭ ئايلارچە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، يەر شارىۋى بىر ئاشلىق ئىسكىلاتىدىن مۇھىم بىر ئالاقە لىنىيەسىنىڭ مۇلازىمەتتىن توختاپ قالغانلىقىنى، ئەمما ئىستانبۇلدا ئىمزالانغان ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئاشلىق ۋە باشقا يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى قاچىلانغان 25 پاراخوت ئودېسسا ۋە ئۇكرائىنانىڭ باشقا پورتلىرىدىن ئايرىلدى.»

پاراخوتلارنىڭ بۇغداي، كۆممىقوناق، ئاپتاپپەرەس يېغى ۋە پۇرچاق قاتارلىق 600 مىڭ توننىدىن ئارتۇق يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گۇتېرېس، تېخىمۇ كۆپ پاراخوتنىڭ يولدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كۆپلىگەن ساھەلەردە يەنىلا قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەرنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان گۇتېرېس، تاۋارلارنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىشتە تېخىمۇ كۆپ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا مەھسۇلاتلىرىغا ئېرىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئېمبارگولارغا داخىل قىلىنمىغان يېمەكلىك ۋە ئوغۇت مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازارلارغا چەكلىمىسىز سېلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بارلىق ھۆكۈمەتلەر ۋە خۇسۇسىي تارماقلارنىڭ ھەمكارلىشىپ، بۇ مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىشى تولىمۇ مۇھىم. ئەگەر 2022-يىلى ئوغۇت بولمىسا، 2023-يىلى يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن. مېنىڭ بۇ نىشانلارغا يېتىش ئىرادەم قەتئىيدۇر، ئەمما بۇ نىشانلارغا پەقەت ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقى بىلەنلا يەتكىلى بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر