ئاۋىستىرالىيەنىڭ كانبېررا ئايرودورۇمىدا بىر كىشى قالايمىقان ئوق چىقاردى

ئاۋىستىرالىيەدىكى كانبېررا ئايرودورۇمى، بىر كىشىنىڭ ئايرودورۇم تېرمىنالى بىناسىدا ھاۋاغا قارىتىپ ئوق چىقىرىشى سەۋەبىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى.

1867569
ئاۋىستىرالىيەنىڭ كانبېررا ئايرودورۇمىدا بىر كىشى قالايمىقان ئوق چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋىستىرالىيەنىڭ پايتەختى كانبېررادىكى ئايرودورۇمغا بىر كىشى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 13.30 دە كىردى.

يولغا چىقىش تەكشۈرۈش رايونىدا ساقلاشقا باشلىغان ھۇجۇمچى تەخمىنەن 5 مىنۇتتىن كېيىن قورالىنى چىقىرىپ ھاۋاغا ئوق چىقىرىشقا باشلىدى.

ھۇجۇمچى كۆپىنچىسىنى تېرمىنال بىناسىىڭ دېرىزىسىگە قارىتىپ 5 پاي ئوق چىقاردى. يولۇچىلارنى ياكى ئايرودورۇم خادىملىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلمىدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار دەرھال ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى سۈپىتىدە ئايرودورۇمنى بوشاتتى.

ساقچى مەسئۇللىرى ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ۋەقەگە چېتىشلىق بىر كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە قورالنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر