شىۋېتسىيە تۈركىيەنىڭ تەلىپىگەن بىنائەن ئالدامچىلىق جىنايەتچىسىنى تاپشۇرۇش بېرىشنى قارارلاشتۇردى

شىۋېتسىيە تۈركىيە ئالدامچىلىق جىنايىتى تۈپەيلى «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقارغان كىشىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى قارارلاشتۇردى.

1866837
شىۋېتسىيە تۈركىيەنىڭ تەلىپىگەن بىنائەن ئالدامچىلىق جىنايەتچىسىنى تاپشۇرۇش بېرىشنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى (SVT) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالىي سوت مەھكىمىسى، تۈركىيە ئالدامچىلىق جىنايىتى تۈپەيلى «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقارغان 35 ياشلىق كىشىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلغان.

شىۋېتسىيە ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مورگان يوھانسون، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى ھەققىدە توختالغاندا، بۇنىڭ دائىملىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2011-يىلدىن باشلاپ شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ۋە بۇ مەزگىلدە سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن مەزكۇر كىشى، تۈركىيەدىكى ئالدامچىلىق جىنايىتى تۈپەيلى 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

مەزكۇر كىشى، تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلمەسلىكى ئۈچۈن خىرىستىيان دىنىغا كىرگەن.

00



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر