مېكسىكادا تۈرمىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 2 مەھبۇس ئۆلدى
مېكسىكانىڭ كىيۇداد جۇئارېز ئۆلكىسىدىكى بىر تۈرمىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 2 مەھبۇس قازا قىلدى، 4 مەھبۇس يارىلاندى.
1867177
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىخۇاخۇئا جۇئارېز تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈرمىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، تۈرمە باشقارمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىمللارنى چاقىرغان.
تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رەقىب گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە، 2 مەھبۇس ھاياتىدىن ئايرىلغان، 4 مەھبۇس يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، چىخۇاخۇئا جۇئارېز ئۆلكىسى، تۈرلۈك جىنايى تەشكىلاتلار ۋە گۇرۇھلار ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان رايونلاردىن بىرى ئىكەن.