مىلانوۋىچ: رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولار ئۈنۈملۈك ئەمەس

كىرودىيە پرېزىدېنتى زوران مىلانوۋىچ غەربنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەسلىكىنى ۋە بۇ ئېمبارگولارنىڭ رۇسىيەگە زىيان يەتكۈزەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

1865646
مىلانوۋىچ: رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولار ئۈنۈملۈك ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زوران مىلانوۋىچ، خۋار ئارىلىنى زىيارەت قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، نۆۋەتتىكى دۇنيا كۈن تەرتىپىنى «تەڭپۇڭسىز» دەپ تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: «كومپاس ئاستا-ئاستا غايىب بولۇۋاتىدۇ، ھەممە نەرسە مامكاپ گۈلىدەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. غەربنىڭ رۇسىيە 24 – ئاپرېل كۈنى ئۇكرائىناغا قوزغىغان ھۇجۇمىغا قارىتا رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرى ھېچنېمىگە ئەسقاتمايۋاتىدۇ. چۈنكى، غەربنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرى ئۈنۈملۈك ئەمەس. جۈملىدىن، بۇ ئېمبارگولار رۇسىيەگە زىيان كەلتۈرەلمەيدۇ. بۇ ئېمبارگولار ئەسلىدە بىزگە زىيان يەتكۈزدى.»

ئۇ، بۇ ئېمبارگولارنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى باشتىن تارتىپلا تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئېيتقانلىرىم توغرا چىقتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر