زېلېنىسكىي دونباس ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي، 24-فېۋرالدىن بۇيان رۇسىيەگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلىتىنىڭ دونېتسىكى رايونى ئالدىنقى سېپىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1864912
زېلېنىسكىي دونباس ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر زېلېنسكىي ئۆزىنىڭ تېلېگرامما ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن سىن كۆرۈنۈشلۈك ئۇچۇرىدا، دۆلىتىنىڭ شەرقىدىكى ئالدىنقى سەپلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تىلغا ئېلىپ، بولۇپمۇ دونېتسىكى ۋە خاركىۋ تەرەپلىرىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ «نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىش» بەدىلىگە رۇسىيەنىڭ بۇ يەردىكى ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دونباسنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن ناچار، ئارمىيەمىز رۇسىيە تېررورلۇقىنى توسۇش ۋە تاجاۋۇزچىلارنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى قىلىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ دىققىتىنى خاركىۋغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان زېلېنسكىي، بۇ يەردىمۇ شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قورالغا موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز ھەر كۈنى توختاۋسىز ھالدا ئالدىنقى سەپلەرگە تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە يىراق مۇساپىلىك سىستېمىلارنى ئەۋەتىش ئۈچۈن قورال تولۇقلاشقا تىرىشىۋاتىمىز. شېرىكلىرىمىزدىن ياردەم پىلانلىرى توغرىسىدا خۇش خەۋەرلەرنى كۈتۈۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر