تەيۋەننىڭ دۆلەت ئىگىلىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا شىركىتىنىڭ ئەمەلدارى ئۆلدى

تەيۋەندە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش شىركىتىنىڭ ئەمەلدارى مېھمانخانىدا ئۆلدى.

1864536
تەيۋەننىڭ دۆلەت ئىگىلىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا شىركىتىنىڭ ئەمەلدارى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەن ئاگېنتلىقى (CNA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چۇڭ-شەن دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئوۋ ياڭ لىشىڭ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كەتكەن تەيۋەن ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى پىڭتۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆلگەن.

دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى، ئوۋ ياڭنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

ئوۋ ياڭ، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا دۆلەت ئىگىلىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا  لايىھەلىرىگە مەسئۇل ئىكەن.

ئوۋ ياڭنىڭ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاينىڭ تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان مەزگىلگە توغرا كېلىشى دىقققەت قوزغايدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، چۇڭ-شەن دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نىشانى، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي تەھدىتى ئالدىدا، تەيۋەن ئارمىيەسىنىڭ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بۇ يىل 2 ھەسسە ئاشۇرۇپ، يىلىغا 500 گە يېقىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر