پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتى ئەمەلگە ئاشتى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى بەش كىشىلىك كونگرە ھەيئىتى ئولتۇرغان ئايروپىلان، تۈنۈگۈن (2022-يىلى 2-ئاۋغۇست) كەچتە تەيۋەنگە يېتىپ كەلدى.

1862893
پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتى ئەمەلگە ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت ئولتۇرغان «بويىنC-40» تىپلىق ئايروپىلان، مالايشىيا پايتەختى كۇئالا لۇمپۇر شەھىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تەيۋەن ھاۋا تەۋەلىكىگە شەرق تەرەپتىن كىرىپ، تەيبېي سوڭشەن ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

نەنسى پېلوسى خانىم تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، تەيۋەن رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشلىرىنىڭ «ئورتاق مەنپەئەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى ۋە: «تەيۋەن رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشلىرىمىز، شېرىكىمىزنى قوللايدىغانلىقىمىزنى قايتىدىن ئىسپاتلاپ، ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئورتاق مەنپەئەتىمىزنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ زىيارەت ئامېرىكانىڭ تەيۋەن دېموكراتىيەسىنى قوللاشتىكى تەۋرەنمەس ۋەدىسىنى شەرەپلەندۈردى» دېدى.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتى، نەنسى پېلوسى خانىم ئولتۇرغان ئايروپىلان تەيۋەنگە يېقىنلاشقان پەيتلەردە، خىتاينىڭ «SU-35» ئايروپىلانلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ۋاشىنگتوندىن 29-ئىيۇل يولغا چىقىپ ھاۋايدا توختىغان نەنسى پېلوسى خانىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى بەش كىشىلىك كونگرە ھەيئىتى، 1-ئاۋغۇست سىنگاپوردا، تۈنۈگۈن مالايشىيادا بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت بېتىدىكى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى زىيارەت قىلىش پىروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سىنگاپور، مالايشىيا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان زىيارەت نۇقتىلىرى ئىچىدە تەيۋەنگە ئورۇن بېرىلمىگەن ئىدى.

82 ياشلىق نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ ئاپرېلدا (2022) پىلان قىلغان تەيۋەن زىيارىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19)سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر