ئامېرىكا: پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى كىرىزىسقا سەۋەب بولالمايدۇ

ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى كوردىناتورى جون كىربى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ، خىتاي تەرىپىدىن «كىرىزىسقا ئايلاندۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولالمايدىغانلىقىنى» نى تەكىتلىدى.

1862344
ئامېرىكا: پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى كىرىزىسقا سەۋەب بولالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى كوردىناتورى جون كىربى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ، خىتاي تەرىپىدىن «كىرىزىسقا ئايلاندۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولالمايدىغانلىقىنى» نى تەكىتلىدى.

ئۇ ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىنىڭ ئىنتايىن نورمال ئىش ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ زىيارەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى توغرىسىدىكى سوئالغا: «نېمە بولدى، بۇنىڭدىكى مەسىلە قەيەردە؟ نەنسى پېلوسى خانىم ئىلگىرىمۇ تەيۋەننى زىيارەت قىلغان، كونگرە ئەزالىرىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان زىيارەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، ھەتتا بۇ يىل بۇنىڭغا ئوخشايدىغان زىيارەتلەر بولدى. جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىنىڭ تەبىئىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ زىيارەتنى ئەمەگە ئاشۇرۇش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ئامېرىكانىڭ سىياسىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ھەممە تەرىپىدىن بىلىنىدۇ. ھېچقانداق ئىش ئۆزگەرمىدى. بىر خىتاي سىياسىتىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپكە ھازىرقى ھالەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارشى ئىكەنلىكىمىزنى نۇرغۇن قېتىم دېدۇق. تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. بۇلارنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى دائىرىلىرىگە ھەر سەۋىيەدە يەتكۈزدۇق. ئۆتكەن ھەپتە پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ شى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى، بۇلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكىسى ۋە ئەڭ ئاخىرقىسى ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇ نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش قارارىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزلىرىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش ئېھتىمالىنى كىرىزىسقا ياكى توقۇنۇشقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەبنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، تەيۋەن بوغۇزى ۋە ئەتراپىدا ئۇرۇشقاق ھەربىي پائالىيەتلەرنى كۆپەيتىشكە سەۋەب بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر