خىتاي پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى جاڭ جۈن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1862505
خىتاي پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىيجاڭ جۈن خىتاينىڭ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئاۋغۇست ئېيى نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پېلوسى خانىمنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان زىيارىتى دائىرىسىدە، تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل زىيارەت خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا، بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.»

پېلوسى خانىمنىڭ زىيارىتىنىڭ خىتاي ئۈچۈن چوڭ خەۋپ ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن جاڭ جۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «تەيۋەن، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقانداق دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە قىزىل سىزىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەمىز ئىنتايىن كەسكىن، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئىرادىمىز قەتئىي.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر