ب د ت تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى جويس مسۇيا، «دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلغان دۆلەت» تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى فارخان ھاق، ب د ت باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، جويس مسۇيانىڭ غازىئانتەپ ۋە خاتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كۈنلۈك تۈركىيە زىيارىتىنى تاماملىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا يۇرت – ماكانلىرىدىن مەھرۇم قىلىنغان سۈرىيەلىك ئايللار، خەير – ساخاۋەت ئورۇنلىرى، ب د ت خادىملىرى، ئىئانە قىلغۇچىلار ۋە چېگرا ھالقىپ ياردەم پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان تۈركىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مسۇيا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خىزمەتلىرىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئالقىشلىدى ۋە 3 مىليون 700 مىڭ مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ مۇساپىر قوبۇل قىلغان دۆلىتى بولغان تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى» دېدى.
«سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى 4 مىليون 100 مىڭ كىشى ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى ب د ت نىڭ ياردىمىگە تايىنىپ قاندۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ» دېگەن باياناتچى ھاق، ھەر ئاي يېمەكلىك ۋە باشقا ياردەملەرنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەدىكى 2 مىليون 400 مىڭ كىشىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.
ئۇ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى مۇددەتنى يەنە بىر قېتىم ئۇزارتمىغان تەقدىردە، سۈرىيەگە چېگرا ھالقىپ قىلىنىدىغان ياردەملەرنىڭ ئالتە ئاي ئىچىدە، يەنى قىشنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا توختاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جويس مسۇيانىڭ 25-ئىيۇل تۈركىيەگە كېلىپ، سۈرىيەگە قىلىنىۋاتقان چېگرا ھالقىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يەتكۈزۈش خىزمىتىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.