شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى تاشكەنتتە چاقىرىلدى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئۆتكۈزۈلدى.

1861333
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى تاشكەنتتە چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر ناروۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تىلۇبەردى، تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىراجىددىن مۇخرىددىن، قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېئېنبېك قۇلۇبايېۋ، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جائىشانكار، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى جاڭ مىڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

ۋىلادىمىر ناروۋ يىغىننىڭ تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتىلگەن بۆلۈمىدە سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاكتىپ ھەمكارلىق مۇساپىسىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ساھەسىنى مۇقىملىق، تەرەققىيات، گۈللىنىش ۋە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق رايونىغا ئايلاندۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ بىر تەبىئىي جەريان ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئىراننىڭ تولۇق ئەزا بولۇش يولىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، بېلارۇسىيەنىڭ ئەزالىق ئىلتىماسىغا قاراپ چىقىش جەريانىنىڭ باشلانغانلىقىنى، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتارغا غا دىيالوگ شېرىكى سالاھىيىتى بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالىنىشقا تەييار ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن باشقا بەھرەين بىلەن مولداۋىيەگە دىيالوگ شېرىكى سالاھىيىتىنىڭ بېرىلىشىنى ئويلىشىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋىلادىمىر ناروۋ يەنە، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، كامبودژا ۋە نېپالغا كۆزەتكۈچى دۆلەت سالاھىيىتىنى بېرىش مەسىلىسىدە ئورتاق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مىنىستىرلار، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا-ئىقتىساد، مەبلەغ سېلىش، سانائەت، ئېنېرگىيە، ساياھەت، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندىن كېيىن، بۇ ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان بىر قاتار ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويدى.

ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر ناروۋ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 15 -، 16- سېنتەبىر كۈنلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، يىغىنغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بېلارۇسىيە، ئىران ۋە موڭغۇلىيە قاتارلىق كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىرى بىلەن مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتىنىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلدى.

2001- يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى قۇرۇلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خىتاي، رۇسىيە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىقلار بولۇپ، تۈركىيە 2012-يىلى بۇ تەشكىلاتنىڭ دىيالوگ شېرىكى بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر