لاتىن ئامېرىكادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن 502 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 502 گە يەتتى.

1860500
لاتىن ئامېرىكادا ۋىرۇس سەۋەبىدىن 502 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە يېقىنقى بىر كۈندە 502 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.

بىرازىلىيە

بىرازىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىقى 24 سائەتتە 310 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 677 مىڭ 804 يەتكەن. ئوخشاش ۋاقىتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك 44 مىڭ 514 ۋەقە كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 33 مىليون 704 مىڭ 393 كە چىققان.

مېكسىكا

مېكسىكا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 151 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 27 مىڭ 916 كىشى يۇقۇملانغان. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 327 مىڭ 412 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 6 مىليون 686 مىڭ 954 كە يەتكەن.

پېرۇ

پېرۇ سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە 10 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان، 9 مىڭ 475 كىشى يۇقۇملانغان. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 214 مىڭ 112 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 859 مىڭ 279 غا چىققان.

چىلى

چىلى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 8 مىڭ 900 كىشى يۇقۇملانغان. نەتىجىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 59 مىڭ 405 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 4 مىليون 204 مىڭ 824 كە يەتكەن.

گىۋاتېمالا

گىۋاتېمالا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە 19 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 4 مىڭ 914 كىشى يۇقۇملانغان. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 18 مىڭ 972 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 27 مىڭ 805 كە چىققان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر