فىرانسىيە قۇرغاقچىلىققا، ۋېنگىرىيە يۇقىرى تېمپېراتۇراغا دۇچ كەلدى

فىرانسىيەدە قۇرغاقچىلىقنىڭ ئېغىرلىشىشى سەۋەبىدىن 86 رايوندا سۇ بىلەن تەمىنلەشكە چەكلىمە قويۇلدى.

1859537
فىرانسىيە قۇرغاقچىلىققا، ۋېنگىرىيە يۇقىرى تېمپېراتۇراغا دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتتىكى 95 رايوننىڭ 86 سى قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، نۇرغۇن جايلار سېرىق ۋە قىزغۇچ رەڭلىك جىددىي ئەھۋال سەۋىيەسى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان.

بىلدۈرۈلىشىچە، فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان «سېنچى ۋال دې لويىر» (Centre-Val de Loire) ۋە «پېي دې لا لويىز» (Pays de la Loire) رايونلىرى قۇرغاقچىلىقنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان.

ۋېنگىرىيەدىمۇ يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ ئىسسىق ياز پەسلى كۆرۈلگەن بولۇپ، كېچىلىرى ھاۋا تېمپېراتۇراسى 25.4 گىرادۇسقىچە چىقتى.

ۋېنگىرىيە مېتېرولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، بۈگۈنگىچە ئۆلچەنگەن ھاۋا تېمپېراتۇراسى ئارخىپلىرىدا، 1894-يىلى 24-ئىيۇل سېگېد شەھىرىدە كېچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇراسىنىڭ 24.6 گىرادۇس دەپ خاتىرىلەنگەنلىكى، تۈنۈگۈن (25-ئىيۇل) كېچە پايتەخت بۇداپېشتتا ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ 25.4 گىرادۇس بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۈگۈندىن تارتىپ (26-ئىيۇل) ھاۋا تېمپېراتۇرالىرىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقى ۋە بەزى رايونلاردا يامغۇر يېغىشىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، كېيىنكى كۈنلەردە يەنە ھاۋا تېمپېراتۇرالىرىنىڭ قايتا يۇقىرى ئۆرلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر