شىنزۇ ئابى ئۈچۈن رەسمىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

ياپونىيە سۈيىقەست بىلەن جېنىدىن ئايرىلغان سابىق باش ۋەزىر شنزۇ ئابى ئۈچۈن 27-سېنتەبىر (2022) رەسمىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

1858310
شىنزۇ ئابى ئۈچۈن رەسمىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئىچكى كابېنتىنىڭ باش كاتىپى خىروكازۇ ماتسۇنو سابىق باش ۋەزىر شىنزۇ ئابى ئۈچۈن 27-سېنتەبىر توكيودىكى نىپپون بۇدوكان تەنتەربىيە مەيدانىدا رەسمىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سابىق باش ۋەزىر شىنزۇ ئابىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا چەت ئەللەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭغا كېتىدىغان ئىقتىسادىي چىقىم ھەمدە قاتنىشىدىغانلار سانىنىڭ ھازىرچە بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش قارارىغا، ئۆكتىچىلەر ۋە خەلق ئوخشىمىغان ئىنكاس قايتۇردى.

رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈش قارارىغا قارشى نامايىش قىلغان بىر گۇرۇپپا، پارلامېنتنىڭ تەستىقى بولماستىن، دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئاساسىي قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، سوت مەھكىمىسىدىن مىنىستىرلار كېڭىشى قارارىنى ۋە مۇراسىم چىقىمىنى توڭلىتىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

شىنزۇ ئابى 8-ئىيۇل (2022) نارا شەھىرىدە دېموكرات پارتىيە نامزاتىنىڭ سايلام پائالىيىتىنى قوللاش ئۈچۈن نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، مەيدىسىگە ئوق تەگكەن ئىدى.

ھۇجۇمدا ئېغىر يارىلانغان شىنزۇ ئابى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

شىنزۇ ئابى ئۈچۈن 12-ئىيۇل توكيونىڭ مەركىزىگە جايلاشقان زوجوجى بۇددا ئىبادەتخانىسىدا سانى چەكلىك كىشىلەرنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر