زېلېنسكىينىڭ رەپىقىسى ئولېنا زېلېنسكا ئامېرىكا كونەرەسىدە نۇتۇق سۆزلىدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ رەپىقىسى ئولېنا زېلېنسكا ئۇكرائىنا قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قورال-ياراغ ۋە ھاۋا قالقان سىستېمىلىرىنى تەلەپ قىلدى.

1857631
زېلېنسكىينىڭ رەپىقىسى ئولېنا زېلېنسكا ئامېرىكا كونەرەسىدە نۇتۇق سۆزلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىىر زېلېنسكىينىڭ رەپىقىسى ئولېنا زېلېنسكا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسي پېلوسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن كونگرەدە نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكا كونگرەسىدە نۇتۇق سۆزلىگەن تۇنجى چەت ئەل پىرېزىدېنتىنىڭ رەپىقىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇكرائىنادا تېخى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن سىلەردىن ئۆزۈم قەتئىي خالىمايدىغان بىر نەرسىنى تەلەپ قىلىمەن؛ سىلەردىن قورال-ياراغ تەلەپ قىلىمەن. بۇ قورال-ياراغلار باشقىلارنىڭ زېمىنىغا ھۇجۇم قىلش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ زېمىنىنى قوغداش ۋە ھايات قېلىشىمىز ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ھاۋا قالقان سىستېمىلىرى تەلەپ قىلىمەن، چۈنكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ھېچكىمنى ئۆلتۈرمىسۇن، ھارۋىلاردىكى بوۋاقلار ئۆلمىسۇن.»

ئۇ ئامېرىكا كونگرەسىنىڭ كېلەر ئاي (ئاۋغۇست) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، سېنتەبىردە قايتا ئېچىلىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «مەن سېنتەبىردە ئوغلۇمنىڭ مەكتەپكە بېرىپ-بارالمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئوقۇ-ئوقۇتۇش يىلىنىڭ بېشىدا قىزىمنىڭ ئۇنىۋېرستېتتا ئوقۇپ-ئوقۇيالمايدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. ئۇكرائىنالىق ئوقۇتقۇچىلار نېمىگە تەييارلىق قىلىشى كېرەك؟ سىنىپلاردا دەرس ئۆتۈشكىمۇ ياكى پاناھلىنىش جايلىرىدا بومبىلاردىن قوغدىنىشقىمۇ؟ بۇلارغا مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن. ئەمما، ھاۋا قالقان سىستېمىلىرىمىز بولسا، بىزدە بىر جاۋاب بار بولىدۇ» دېدى.

رۇسىيە 24-فېۋرال (2022) ئۇكرائىناغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر