جونسون پارلامېنت بىلەن ۋىدالاشتى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون پارلامېنتتا ۋىدالىشىش نۇتۇقى سۆزلىدى.

1857602
جونسون پارلامېنت بىلەن ۋىدالاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون پارلامېنتتا سۆزلىگەن ۋىدالىشىش نۇتۇقىدا، ئورنىغا ۋەزىپىگە كېلىدىغان يېڭى باش ۋەزىرگە بەزى تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) مۇساپىسىنى باشقۇرۇش، رۇسىيەنىڭ 24-فېۋرالدا باشلىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا قارشى ئۇكرائىنانى قوللاش قاتارلىق ئۆزى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋاقتىدا يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەرگە «مۇۋەپپەقىيەت» سۈپىتىدە يۇقىرى باھا بەردى.

ئۇ: «ۋەزىپە ھازىرچە ئاساسەن تاماملاندى» دېدى.

ئۇ ئاخىرلاشتۇرغۇچى فىلىمىدىكى «خەيرىخوش بالام» (hasta la vista baby) دېگەن سۆزلەر بىلەن ۋىدالاشتى.     

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون باش ۋەزىرلىك خىزمىتىدىن ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، پارتىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدا داۋاملاشقان رەھبەر سايلاش ئىشلىرىدا، سابىق مالىيە ئىشلىرى ۋەزىرى رىشى سۇناك (Rishi Sunak) 137 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئالدىقى ئورۇندا تۇردى.

كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، پېنني موردانت (Penny Mordaunt) 105 ئاۋازغا ئېرىشكەن بولسىمۇ شاللىنىپ كەتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لىز ترۇس 113 ئاۋازغا ئېرىشىپ، باش ۋەزىرلىك رىقابىتىنى داۋاملاشتۇرۇش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قالدى.

ئەنگلىيەدىكى تەخمىنەن 160 مىڭ كونسېرۋاتىپ پارتىيە ئەزاسى يېڭى باش ۋەزىرنى ۋە پارتىيەنىڭ يېڭى رەھبىرىنى ئاخىرقى ئىككى نامزات ئىچىدىن سايلاپ چىقىدۇ. ئاخىرىدا، بورىس جونسوندىن بوشالغان باش ۋەزىرلىك بىناسى 10-نومۇرلۇق ئىشخانىنىڭ يېڭى خوجايىنى 5-سېنتەبىر ئېنىق بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر