ب د ت رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان ئۇكرائىنا پۇقرالىرى سانىنى ئېلان قىلدى

24-فېۋرالدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا 5100 ئۇكرائىنا پۇقراسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1857160
ب د ت رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان ئۇكرائىنا پۇقرالىرى سانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى فارخان ھەق، ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان، 11 مىڭ 800 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئوق تېگىپ يارىلانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 5100 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى»نى ئېيتتى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش ئىشخانىسى، ئۇكرائىنانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھازىرغىچە قازا قىلغان 5100 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ 346 ىنىڭ بالىلار ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ، «ئۆلگەن پۇقرالار سانى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ب د ت پۇقرالارغا قارىتىلغان قالايمىقان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر، ئۇكرائىنادىكى پۇقرالار ۋە مەمۇرىي ئۇل ئەسلىھەلەرنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىدا كۆرسىتىلگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر