ياۋروپا يۇقۇمنىڭ يېڭى دولقۇنى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى

ياۋروپادا كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ يېقىنقى بەش ھەپتە ئىچىدە ئۇدا كۆپىيىۋاتقانلىقى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى بىلەن بىرلىكتە ۋىرۇسنىڭ يۇقۇش نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1856893
ياۋروپا يۇقۇمنىڭ يېڭى دولقۇنى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەمەلدارلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئېشىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ كوۋىد-19 ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ تارماق ۋارىيانتلىرىنىڭ بىرى بولغان BA.4 ۋە BA.5 تىپلىرىنىڭ پۈتكۈل ياۋروپاغا تەسىر كۆرسىتىپ تېز تارقىلىشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باياناتتا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ۋە گېن تەرتىپلەش دائىرىسىنى تارايتىشىنىڭمۇ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى يۇقۇملانغۇرچىلارغا ئالاقىدار ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشكە توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، ۋىرۇسنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش ياسىشىغا ئەگىشىپ ۋاكسىنا ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ ياۋروپادىكى كوۋىد-19 بىمارلىرى سانىنىڭ كۆپىيىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب دەپ كۆرسىتىلدى.

ياۋروپا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى ئەمەلدارلىرى بولسا، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان يۇقۇملىنىش نىسبىتىدىكى ئېشىشنىڭ، رايوندىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن «كەڭ دائىرىلىك كوۋىد -19 دولقۇنىنىڭ باشلىنىشى» بولۇپ قالىدىغانلىقى مۆلچەرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر