ئەنگلىيەدە باش ۋەزىر سايلاش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون خىزمىتىدىن ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، پارتىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدىكى رەھبەر سايلاش ئىشلىرىدا، سابىق مالىيە ئىشلىرى ۋەزىرى سۇناك ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى.

1856532
ئەنگلىيەدە باش ۋەزىر سايلاش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، توم تۇگېندخات 31 ئاۋاز بىلەن شاللاندى. سۇناك بولسا 115 ئاۋاز بىلەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن قالسا، پېننىي موردانت (PennyMordaunt) 82، لىز ترۇس (Liz Truss) 71 ۋە كېمى بادېنوك (KemiBadenock) 58 ئاۋازغا ئېرىشتى.

پارتىيە رەھبەرلىكى رىقابىتىدە، ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىككى نامزات 21-ئىيۇلغىچە (2022) بەلگىلىنىدۇ. ئارقىدىن دۆلەتتىكى 160 مىڭ كونسېرۋاتىپ پارتىيە ئەزاسى ئەنگلىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرىنى ۋە پارتىيەنىڭ يېڭى رەھبىرىنى ئىككى نامزات ئىچىدىن بىرىنى سايلاپ چىقىدۇ. ئاخىرىدا، بورىس جونسوندىن بوشالغان باش ۋەزىرلىك بىناسى 10-نومۇرلۇق ئىشخانىنىڭ يېڭى خوجايىنى 5-سېنتەبىر ئېنىق بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر