گىرېتسىيەدە يۈك ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، ئىچىدىكى 8 خادىم قازا قىلدى

گىرېتسىيەنىڭ كاۋالا شەھىرىگە قاراشلىق پالېچورى رايونىدا بىر يۈك ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى.

1855839
گىرېتسىيەدە يۈك ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، ئىچىدىكى 8 خادىم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەنىڭ كاۋالا شەھىرىگە قاراشلىق پالېچورى رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن يۈك ئايروپىلانىدا 8 خادىم قازا قىلدى.

ئۇكرائىنا شىركىتىگە تەۋە <AntonovAn-12> تىپلىق يۈك ئايروپىلانى گىرېتسىيەنىڭ شىمالىدا چۈشۈپ كەتتى.

گىرېتسىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <AMNA> نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئايروپىلان خەتەرلىك بويۇملارنى ئېلىپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەر بۇ ۋەجىدىن شەنبە كۈنى كەچتە، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن پالاخورىيو رايونىدىكى بارلىق ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ نەق مەيداندىن يىراقلىشىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن ، پارتىلاتقۇچ مۇتەخەسسىسلىرى ئايروپىلان ئېلىپ ماڭغان يۈكنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ، ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرنى قارارلاشتۇرۇش ئۈچۈن نەق مەيدانغا قاراپ يولغا چىقتى.

ئۇچقۇچىنىڭ ئايروپىلاننىڭ ماتورىدا كاشىلا چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ جىددىي قونۇش رۇخسىتى تەلەپ قىلغانلىقى، ئەمما ئايرودورۇمغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ماتورغا ھاۋادا ئوت كەتكەنلىكى ۋە ئايروپىلاننىڭ كاۋالادىكى ئولتۇراق رايونغا يېقىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۇكرائىنا شىركىتىگە تەۋە بۇ ئايروپىلان سېربىيەدىن ئىئوردانىيەگە يۈك توشۇماقتا ئىكەن.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن نۇرغۇن پارتلاش ئاۋازى ئاڭلىنىپ، ئوت ئېلىشقا باشلىغان.

ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننى كۆيگەن يېقىلغۇ ۋە قويۇق ئىس تۈتەك قاپلاپ كەتكەن.

سېربىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئايروپىلاندىكى 8 خادىمنىڭ ھەممىسىنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر