نىگېرىيەدە پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى كۆپەيدى
نىگېرىيەنىڭ لاگوس ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 17 گە يەتتى.
1854396
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئورگىنىڭ لاگوس ئۆلكىلىك ماسلاشتۇرغۇچىسى ئىبراھىم فارىنلويېنىڭ ئېيتىشىچە، 8-ئىيۇل لاگوس ئۆلكىسىنىڭ ئوجو رايونىغا يېقىن ئىكورودۇ دەرياسىدا يۈز بەرگەن يولۇچىلار پاراخوتى كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا يەنە 15 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.
شۇنىڭ بىلەن، قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 17 گە يەتكەن.
ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قازادا يوقاپ كەتكەن يەنە بىرقانچە كىشىنى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.