ئامېرىكا ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ شەرقىي ئاسىياغا نېفىت ۋە نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ، دېگەن سەۋەب بىلەن شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلاردىن تەركىپ تاپقان خەلقئارالىق بىر تورنى ئېمباگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

1853061
ئامېرىكا ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىراننىڭ نەچچە يۈز مىليون دوللارلىق نېفىت ۋە نېفىت خىمىيىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەرقىي ئاسىياغا يەتكۈزۈش ۋە سېتىشقا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن پارىس قولتۇقىنى ئاساس قىلغان شىركەتلەر تورىنى ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئىراندىكى جام نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى قاتارلىق ئورگانلار ۋە شەخسلەردىن تەركىب تاپقان خەلقئارالىق تورنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىن  ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر