ئەنگلىيە تېھراندىكى بىر دىپلوماتىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەنگلىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى گىلېس ۋىتاكېرنىڭ ئىراندا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

1853055
ئەنگلىيە تېھراندىكى بىر دىپلوماتىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەنگلىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ئەلچىسى گىلېس ۋىتاكېرنىڭ ئىراندىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان رايوندىن تۇپراق ئەۋرىشكىسى توپلىغانلىقى ئۈچۈن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ «ئاساسسىز» ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى، «Sky News» قانىلىغا بايانات بېرىپ، ئىران مەتبۇئاتلىرىنىڭ، ئەنگلىيە دىپلوماتىنىڭ ئىراندا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تاسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقى، ۋىتاكېر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى بىر قانچە دىپلوماتنىڭ كېرمان ئۆلكىسىنىڭ شاھداد قۇملۇقىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان چەكلەنگەن رايوندىن تۇپراق ئەۋرىشكىسى توپلىغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

ۋىتاكېرنىڭ ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان  بىر ماشىنىنىڭ رايوندىكى ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە مەزكۇر سۈرەتلەر ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە تەرىپىدىن تارقىتىلىپ، ۋىتاكېرنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر