دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنى ئېلان قىلدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى دوكتور تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنى ئېلان قىلدى.

1853286
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى دوكتور تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، تەشكىلاتنىڭ ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 58 دۆلەتتىكى 6 مىڭدىن ئارتۇق كىشىدە مايمۇن چېچىكى يۇقۇمىنىڭ بايقالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كېسەللىكنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش جەھەتتە يەنىلا قىيىنچىلىقلار بار. بەلكىم نۇرغۇن بىمارلار رەسمىي تىزىمغا ئېلىنمىغان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ، ياۋروپانىڭ مايمۇن چېچىكى يۇقۇمىنىڭ مەركىزى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، «ئومۇمىي كېسەللىكنىڭ %80 ىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كۆرۈلگەنلىكى»نى ئەسكەرتتى.

ۋىرۇسنىڭ ئافرىقادىمۇ تارقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن باش دېرىكتور گېبرىيۇس، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ھازىرغىچە ۋىرۇس پەقەت بايقىلىپ باقمىغان جايلىرىدىمۇ يېڭى مايمۇن چېچىكى بىمارلىرىنىڭ چىقىشقا باشلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

 ئۇ يەنە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز جىددى ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كومىتېتى يىغىنى ئېچىشنى پىلانلاۋاتىمىز. 18-ئىيۇل ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن، بۇ كومىتېت يەنە بىر قېتىم يىغىن چاقىرىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر