ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى پانامادا تۇنجى مايمۇن چېچىكى يۇقۇملىنىشى بايقالدى

پاناما سەھىيە مىنىستىرى لۇئىس فىرانسىسكو سۇكرې مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 30 ياشلىق بىر ئەر بىماردا يۇقۇملىنىشنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1852471
ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى پانامادا تۇنجى مايمۇن چېچىكى يۇقۇملىنىشى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاناما سەھىيە مىنىستىرى لۇئىس فىرانسىسكو سۇكرې: «ئەنسىرەيدىغان ئىش يوق، مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى ئەمەسلىكى ۋە ئەجەللىك ئەمەسلىكى مەلۇم» دېدى.  

لۇئىس فىرانسىسكو سۇكرې بىمارنىڭ كارانتىناغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پۇقرالارنىڭ ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر