ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە 85 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان بولدى

ئاۋسترالىيەنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس ئىشتاتىنىڭ پايتەختى سىدنېيدا 30 - ئىيۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇر ۋە كەلكۈن سەۋەبىدىن شەھەر ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىن 85 مىڭ كىشىنى تارقاقلاشتۇرۇش قارارى ماقۇللاندى.

1852858
ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىدە 85 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىدنېيدا يېقىنقى كۈنلەردە ياغقان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن توسما ۋە ئۆستەڭلەر تېشىپ كېتىپ، شەھەرنىڭ كۆپ قىسمى كەلكۈنگە دۇچ كەلدى.

يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس باش مىنىستىرى دومىنىك پېرروتېتېت كەلكۈن سەۋەبىدىن ئۆيلىرى سۇ ئاستىدا قالغان ياكى خەتەر ئاستىدا قالغان 85 مىڭ كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەسئۇللار تۈنۈگۈن 50 مىڭ كىشىنى تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى بەرگەنلىكىنى، ئاپەتنىڭ تەسىرى كۈچىيىشى سەۋەبىدىن تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقىنىڭ سىدنېي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ياشايدىغان 85 مىڭ كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان  دەرىجىدە كېڭەيتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر ئانتونىي ئالبانىس كەلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن فېدېراتىپ ياردەملەرنىڭ ئەتە تەييار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس ئىشتاتىداتۈنۈگۈن تەخمىنەن 23 ئولتۇراق رايون «ئاپەت رايونى» دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر