ئابدۇللاھىيان بوررېل بىلەن يادرو سۆھبەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىگە مەسئۇل ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل بىلەن يادرو سۆھبىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1852648
ئابدۇللاھىيان بوررېل بىلەن يادرو سۆھبەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھىيان تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ بوررېل تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى؛ ئۇ يادرو كېلىشىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جازالارنىڭ بىكار قىلىنىشى توغرىسىدىكى سۆھبەتلەرگە ئىشارەت قىلىپ: «بۇ كېلىشىمنى پەقەت ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە مەنپەئەتلەرگە ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىلا ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، كۈچلۈك ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئابدۇللاھىيان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى خالامدۇ ياكى ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا تەكرارلىماقچىمۇ، بۇنىڭغا قارار قىلىشى كېرەك. بۇ ئىككى ئىشنى بىرلىكتە قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

2015 – يىلى ئىمزالانغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2018 – يىلى چېكىنىپ چىققان كەڭ دائىرىلىك بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانى (ئىران يادرو كېلىشىمى)غا دائىر سۆھبەتلەر قاتارنىڭ پايتەختى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر