سومالى پىرېزىدېنتى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇدنى پايتەخت ئەنقەرەدە رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالدى.
1852752
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد ئۈچۈن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە رەسمىي قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئايرىم كۆرۈشكەن ئىككى رەھبەر، كېيىنچە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.
سومالى پىرېزىدېنتى ھەسەن شەيخ مەھمۇد، ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئالدى بىلەن، ئىسپارتادا تەربىيەلىنىۋاتقان سومالىلىق ئەسكەرلەرنى، كېيىنچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسى بار بولغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.