مالىدا مىنا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

مالىنىڭ كىدال رايونىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش كۈچى ئەسكەرلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئەترىتى ئاپتوموبىلنىڭ يولدىكى مىناغا سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە 2 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1852431
مالىدا مىنا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مالىدىكى كۆپ تەرەپلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈش – مۇقىملاشتۇرۇش ۋاكالەتخانىسى باياناتچىسى ئولىۋىېر سالگادو، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ب د ت نىڭ مالىدىكى كۆپ تەرەپلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈش – مۇقىملاشتۇرۇش ۋاكالەتخانىسىنىڭ تىنچلىق ساقلاش كۈچى ئەسكەرلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئەترىتى ئاپتوموبىلنىڭ كىدال رايونىدىكى تېسالىت-گاۋ تاشيولىدىكى مىناغا سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، قازادا، 2 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 5 ئەسكەرنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىگىلىنىشىچە، مالىنىڭ شىمالى ۋە ئىچكى قىسملىرىدا تۇرۇشلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مالىدىكى كۆپ تەرەپلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈش – مۇقىملاشتۇرۇش ۋاكالەتخانىسىدا، 61 دۆلەتتىن 15000 دىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە ساقچى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر