لاۋروۋ، ئۇكرائىنادىكى پۇقرالار ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارىنىڭ غەرب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، دونباس ۋە ئۇكرائىنانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈشىنىڭ جاۋابكارىنىڭ غەرب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1852890
لاۋروۋ، ئۇكرائىنادىكى پۇقرالار ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارىنىڭ غەرب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىيېتنامنىڭ پايتەختى خانويدا زىيارەتتە بولغان سېرگېي لاۋروۋ، ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇئى تانخ  سون بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى، بۇ جازاغا قاتناشمىغان ۋىيېتنامدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ بېلگورود ۋە كۇرسك شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدا توختالغان لاۋروۋ، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ «رۇسىيە ئارمىيەسى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا قورال ئەۋەتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆز شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى» دېگەن باياناتىغا باھا بېرىپ، «ئۇلار يالغان سۆزلەۋاتىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەممىگە ئايان بولۇپ، ئۇ پاكىتلارنى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەر كۈنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

سېرگېي لاۋروۋ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «غەرب دونباس ۋە ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. كىيېۋ ھۆكۈمىتى غەرب تەمىنلىگەن قوراللارنى پۇقرالارنى قورقۇتۇش قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇ دۆلەت تېررورلۇقىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر