ئىران بانكا سىستېمىلىرىغا چەت ئەلدىن تور ئارقىلىق كىرىشنى توختاتتى

ئىران، تور ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە دۆلەت سىرتىدىن ئىران بانكا سىستېمىلىرىغا كىرىشنىڭ ۋاقتىنچە چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1852090
ئىران بانكا سىستېمىلىرىغا چەت ئەلدىن تور ئارقىلىق كىرىشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — IRNA ، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ، تور ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن، ئىران بانكا سىستېمىسىنى دۆلەت سىرتىدىن زىيارەت قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى؛ لېكىن خەۋەردە، قارارنىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.

بۇ چەكلىمىلەرنىڭ تور تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەسئۇل ئورگانلارنىڭ مەسلىھەتى بىلەن قوللىنىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن خەۋەرلەردە، ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «جاۋابكارىنىڭ ئىسرائىلىيە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن» بىر قاتار تور ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلگەن ئىران، ئىسرائىلىيەگە قارشى تور ھۇجۇمى تەشكىللەش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

14 – ئىيۇن ئىسرائىلىيەدىكى «تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەتقىقاتى» ناملىق تور بىخەتەرلىكى شىركىتى ئىراننىڭ تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىملىك ئۇچۇرلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش غەرەزلىك تور ھۇجۇمىدا ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تزىپى لىۋنى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېل ئاۋىۋدا ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق باش ئەلچىسى  قاتارلىق ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ زەربە ئوبېيكتى قىلىپ تاللانغانلىقىنى، ئىران بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىۋاتقان خاككېرلارنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت ئالاقىسىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىراندا بولسا، ئاخىرقى قېتىم 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىدىكى ئەڭ چوڭ پولات - تۆمۈر شىركەتلىرىنىڭ بىرى تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، شىركەتكە تەۋە ئۈچ زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر