ئامېرىكادا «مۇستەقىللىق كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 1776-يىلى ئەنگىلىيەدىن مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر يىلى 4-ئىيۇل ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان «مۇستەقىللىق كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى «كوۋىد – 19» يۇقۇمىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم چەكلىمىلەرسىز ئۆتكۈزۈلدى.

1852002
ئامېرىكادا «مۇستەقىللىق كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى
biden.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنئەنىۋى ئېتىلداق ئېتىش پائالىيەتلىرىنى ئوخشىمىغان جايلاردىن نەچچە ئونمىڭلىغان كىشى كۆردى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن رەپىقىسى جىل بايدىنمۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشتى.

بايدىن، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، دېموكراتىيەنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەردائىم ئۆز يولىدا ماڭىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەردائىم تۈرلۈك سىناقلارغا دۇچ كەلدۇق، ئەمما ھېچقاچان قىيىنچىلىقلاردىن قورقۇپ، باشقا جايلارغا كەتمىدۇق. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئەركىنلىك ھەم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ھەم چەت ئەللەردە <ھۇجۇم ئاستىدا> تۇرۇۋاتىدۇ. ھەر كۈنى دېموكراتىيەمىز توغرىسىدا ھېچقانداق نەرسىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى خاتىرىلەيمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز، دېموكراتىيەمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك.»

نۇتىقىدا يەنە، چىكاگودىكى «مۇستەقىللىق كۈنىنى» تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى داۋامىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم توغرىلىقمۇ توختالغان بايدىن، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مەن بۈگۈن نۇرغۇن ئامېرىكالىقلارنىڭ ئەتراپىغا قاراپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن، مەن بۇنى چۈشىنىمەن، ئەمما بىز نۆۋەتتە بۆلۈنۈشتىنمۇ بەكرەك بىر گەۋدە ھالىتىدىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر