لاۋروۋ موسكۋانىڭ بۇلغارىيەگە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، موسكۋانىڭ بۇلغارىيەنىڭ 70 رۇس دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىغا ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1851949
لاۋروۋ موسكۋانىڭ بۇلغارىيەگە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ۋېنېزۇئېلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارلوس فارىيا پايتەخت موسكۋادىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

سېرگېي لاۋروۋ، بۇلغارىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ سوفىيادىكى ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان 70 دىپلوماتنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ ئېلان قىلىش قارارى توغرىسىدا توختالغان، بۇ قارارنىڭ «قانۇنسىز» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مۇھاكىمە قىلىشىچە، ئەلچىخانا نۆۋەتتە نورمال خىزمەت قىلالايدىغان ئەھۋالدا ئەمەس. ئەلۋەتتە، بىز بۇلغارىيەلىك كەسپداشلىرىمىزغا ئىنكاس قايتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر