فىرانسىيە پۇقرالىرىدىن ئىرانغا ساياھەتكە بېرىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى

فىرانسىيە پۇقرالىرىغا ساياھەت تەۋسىيەسى تىزىملىكىنىڭ «قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسى»دىكى ئىرانغا بارماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.

1852234
فىرانسىيە پۇقرالىرىدىن ئىرانغا ساياھەتكە بېرىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە -ئىران قوش پۇقرالىقىغا ئىگە پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق فىرانسىيەلىكلەرگە ھەر قانداق سەۋەب بىلەن ئىرانغا ساياھەتكە بارماسلىقى تەۋسىيە قىلدى، ئىراندىكى فىرانسىيەلىكلەرنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىردى.

فىرانسىيەنىڭ ئىراندىكى پۇقرالىرىدىن دۆلەت ئىچى سەپەرلىرىنى ئازايتىپ، ھەر خىل يىغىلىشلاردىن يىراق تۇرۇش تەلەپ قىلىنغان باياناتتا: «ھەر بىر فىرانسىيەلىك زىيارەتچىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش، خالىغانچە قولغا ئېلىنىش ۋە ئادالەتسىز سوتلىنىش خەۋپى يۇقىرى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر